مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئابدۇللا سالىھدىن باستۇرۇشنى توختىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ بىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە ئابدۇللا سالىھقا ئەگەر دەرھال شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىپ، جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۇنىس ۋە مىسىردا باشلىغان خەلق ھەرىكەتلىرى يەمەنگىمۇ تۇتۇشۇپ، نەتىجىدە خەلق يەمەن پرېزىدېنتى ئابدۇللا سالىھقا قارشى قوزغالغان ئىدى.
نامايىشلاردا يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.
بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاق سارىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇللا سالىھتىن خەلققە زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇللا سالىھ ئالدىنقى كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئۇچرىشىش سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەمما يىغىننىڭ ۋاقتى تېخى ئاشكارىلانمىغان.