ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇراسىم تېلېۋىزوردا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بولۇپ، يەمەن پرېزىدېنتى سالىھ بۇ كېلىشىمنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىمزالىغان. مۇراسىمغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مىنىستىرلار ھەم يەمەندىكى ئۆكتىچى تەرەپ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى فەن چىۋېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەن پرېزىدېنتى سالىھ ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كېتىدىكەن.
يەمەندە پرېزىدېنت سالىھغا قارشى نامايىش 2011 - يىلى 2 - ئايدا باشلانغان 9 ئايدىن بۇيان، ئۆكتىچىلەردىن نەچچە يۈزلىگەن ئامما ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نەچچە مىڭ ئادەم يارىلانغان. مۇئاۋىن پرېزىدېنت بۈگۈن يەنە تېلېۋىزوردا بايانات بېرىپ، ئىتتىپاقلاشقان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى ھەم 90 كۈن ئىچىدە يەمەندە دېموكراتىك پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.