سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر كازافينىڭ ئۆلۈمىدىن روھلىنىپ كەتكەن

سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر كازافينىڭ ئۆلۈمىدىن روھلىنىپ كەتكەن بولۇپ، شەنبە كۈنى كوچىلارغا مىڭلاپ- مىڭلاپ چىقىپ نامايىش قىلىشىپ، ئەمدى نۆۋەتنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى دېكتاتورلارغا كەلگەنلىكنى بىلدۈرۈشىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى سۈرىيىدە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، سۈرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان. ئەمما، بۇ خىل باستۇرۇش ئۇسۇلىمۇ نامايىشچىلارنى «ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى» دېگەن شوئارلارنى ياڭرىتىشتىن توسۇپ قالالمىغان.

يەمەنلىكلەر پرېزىدېنت ئېلى ئابدۇللاھ سالىھقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ: «كازافىي يوقالدى، ئەمدى نۆۋەت ساڭ كەلدى ئەي قاتىل!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان.

تۇنىس ۋە مىسىردا پارتلىغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، نامايىش ئوتى لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە ئارقا-ئارقىدىن تۇتاشتى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.