يەمەندە پارتلىغۇچ پوسۇلكا گۇماندارلىرىدىن ئىككى ئايال قولغا ئېلىندى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئايرۇپىلاندا پارتلىتىش ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، پارتلىغۇچ پوسۇلكا تەييارلىغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئىككى ئايال بۈگۈن يەمەندە قولغا ئېلىندى.

يەمەن پرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللا سالىھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېلو ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا پاش قىلىنغان.

يەمەن دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق فېدېرال تېز پوچتىسى ۋە ئامېرىكا پوچتىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى شىركىتى تۈنۈگۈن (شەنبە كۈنى) پارتلىغۇچ قاچىلانغان 20 نەچچە پوسۇلكىنى بايقىغاندىن كېيىنلا خىزمەتلىرىنى توختاتقان ئىكەن.

ئەمما بۇ پوسۇلكىلار يەمەندىن ئەنگىلىيىنىڭ مىلان ئايرودرومى ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىدىغان بىر ئايروپىلاندا ۋە دۇبەي ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىدىغان يەنە بىر ئايرۇپىلاندا بايقالغان. مەسىلە ئېنىقلانغان ھامان تېز بىرتەرەپ قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ئايرۇپىلان پارتلىتىش پىلانلانغان يېڭى سۈيىقەست پاش قىلىنغاندىن كېيىنلا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللاغا تېلېگرام يوللاپ، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش سۈيىقەستلىرىنىڭ تارمار قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.