خىتاي ئاھالىلەرنىڭ دۆلەت يېرىدىكى ئۆيىنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندا يەنە بىر يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئاتالمىش دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلىرىنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش ھەققىدە بىر قاتار يېڭى تۈزۈملەرنى بېكىتكەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.08.13

يېڭى بەلگىلىمىدە ئۆينى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشتە قارار دېموكراتىك بولۇش، تەرتىپ توغرا بولۇش ۋە نەتىجە ئاشكارا بولۇش پرىنسىپ قىلىنغان. تولۇقلىمىدا ئادىل بولۇش ئاساسى مەقسەت دەپ بېكىتىلگەن. بەلگىلىمىنىڭ 5-قوشۇمچە ماددىسىدا ئۆينى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش ھوقۇقى ناھىيىلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىشقا بۇيرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ يېڭى بەلگىلىمە قەغەز يۈزىدىكى ئىپادىسىدە، ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئەنئەنىسى مەزكۇر شوئارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقىدا گۇمان پەيدا قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ئۆي چېقىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ يېزىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئائىلە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، شەھەرنىڭ چەت-ياقىلىرىغا سۈرۈۋېتىلگەن. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يۈزلىگەن كىشىلەر نۆۋەتتە ئاقسۇنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىلىرىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

خىتاينىڭ ئۆي چېقىش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىدە، بۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.