تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى پروفېسسورى خوڭ داۋدېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى جازا قانۇنى خەلق رايىغا مايىل بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
ئەمما يېڭى جازا قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان تۈرلەر يەنىلا ئىقتىسادىي جىنايەت قىلمىشلىرى بولۇپ، سىياسىي جىنايەتكە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بىكار قىلىنمىغان.
ھالبۇكى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بېرىلىدىغان جىنايەتلەر تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي جىنايەتلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇر ئېلى يىللاردىن بۇيان سىياسىي جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
