ئاقتۇ ناھىيىسىدە يەر ئاستى بايلىقلارنى قېزىۋاتقان خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ سانى 17 گە يەتكەن
2010.12.07
شىنجاڭ خەۋىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ 257 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى ۋە ئۆزلىرى 3 مىليون 780 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق، ناھىيىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە لىنىيىسى ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ قاتناش ۋە ئۇچۇر ئالاقە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ناھىيە ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋە شىئەن يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ سودا سورۇنلىرىدا ئاقتۇنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىشقا خېرىدار چاقىرغان. نەتىجىدە بۇ يىلنىڭ بېشىغا قەدەر، شياڭگاڭ-جيايۈەن كانچىلىق گۇرۇھى، ياشىن كانچىلىقى ۋە گۈيشىن كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق 17 چوڭ خىتاي كانچىلىق شىركىتى ئاقتۇغا ماكانلاشقان. بۇنىڭ بىلەن ناھىيىنىڭ بۇ يىللىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى بۇلتۇرقىدىن 30% ئاشقان. ئەمما، خەۋەردە مانا بۇ قېزىلما بايلىقلاردىن قولغا كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نەپ ئالغانلىقى ۋە ياكى 17 خىتاي شىركىتىنىڭ ناھىيىگە ماكانلىشىشى بىلەن بىلەن قانچىلىك خىتاي كۆچمىنىنىڭ بۇ ناھىيىگە يەرلەشكەنلىكى قاتارلىق ناھىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ۋە سەزگۈر مەلۇماتلار ھېچ تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىنى "رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ مەنپەئەتلەرگە يېقىنلاشتۇرۇلماسلىقى" دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. "شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى " نىڭ يېقىنقى مۇساپىسىدىكى ئاساسلىق ۋەقەلەردىن بىرى بولغان بارىن ئىنقىلابىمۇ، نۆۋەتتە يەر ئاستى بايلىقلىرى كەڭ -كۆلەمدە ئېچىلىۋاتقان دەل مۇشۇ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى.