خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ 7 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان.
بۈگۈنكى يەر تەۋرەشنى چۆچەك ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم جايلار سەزگەن.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي چۆچەك رايونىنى ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئىسكىلاتى دەپ ھېسابلايدۇ.
بۇ رايوندا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ مول ناھىيە بۈگۈن يەر تەۋرىگەن تۆلى. خىتاي 2010-يىلى بۇ جايدىن 3 مىڭ 600 كىلوگرام ئالتۇن قېزىۋالغان ئىدى.