ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى شتاتلاردا 5.9 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ۋىرگىنىيە، نېۋجېرسى، قاتارلىق شتاتلىرى، ۋاشىنگتون ھەم نېۋيورك قاتارلىق شەھەرلەردە 23-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر ئەتراپىدا 5.9 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرىدى.

يەر تەۋرىگەن مەزگىل خىزمەت ۋاقتى بولغىنى ئۈچۈن، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىدارە-جەمئىيەتلەر خىزمەتچىلەرنى 1 سائەت ئەتراپىدا ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا تەشكىللىدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھادىسىسى گەرچە ناھايىتى قىسقا مەزگىل داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما سىلكىنىش خېلى ئېغىر دەرىجىدە بولغان بولۇپ، ئۈستەل، ئورۇندۇقلار قاتتىق سىلكىنگەن. يەر تەۋرەشتىن كېيىن تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا سىم يولى قىستاڭچىلىقى ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر قىسىم تېلېفونلار ئۈزۈلۈپ قالغان.