خىتاينىڭ گۇيجۇ ۋە يۈننەن رايونلىرىدا يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 80 گە يېقىنلاشقان

خىتاينىڭ گۇيجۇ ۋە يۈننەن رايونلىرىدا جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 80 گە يېقىنلاشقان. يەر تەۋرەشتە تاغ يوللىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولغاچقا، بۇ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.


نۆۋەتتە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، مىڭلىغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، تۈزلىنىپ كەتكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا باشقا يوللار بىلەن ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر رايونلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىمۇ كاشىلىغا ئۇچرىغان بولغاچقا ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تولۇق ئاشكارىلانمىغان.

خىتاي 2008 - يىلى سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرغان ئىدى.