لېكىن دائىرىلەر ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانىنىڭ 617 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك پۇقرالار ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ جۈمە كۈنى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دائىرىلەرگە "ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە" قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش يوليورۇقى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەتبۇئاتلار ھەربىي قىسىملارنىڭ ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر مەدھىيە خاراكتېرلىك تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تارقاتماقتا. لېكىن ئاپەت رايونىدىكى يەرلىك ئامما ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، چېدىر، يېمەك - ئىچمەك ھەم يېقىلغۇ مەسىلىسىدە جىددىي قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، كېچىنى تالادا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا يىشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. تۈنۈگۈن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.