يارىدارلاردىن تۆتىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كۇنمىڭدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن يەنە بىر كىشىمۇ ئايال بولۇپ، ئۇ شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن ئۆي-زېمىن، تۆلەم ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت خادىمى ئىكەن. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يەر ئىگىسى ئايال، ھۆكۈمەت خادىمى ئۇنى توختامنامىگە قول قويۇشقا قىستىغاندىن كېيىن بومبىنى پارتلاتقان ۋە نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۆي-زېمىن داۋاسى خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانلىرى سەۋەبىدىن ئۆي-زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە يېتەرلىك مىقداردا تۆلەم بەرمەي، زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولماقتا.
ئالدىنقى يىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان چيەن مىڭجى ئىسىملىك كىشىمۇ بومبا پارتلىتىپ 2 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ دەردىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم تاپالمىغانلىقتىن مۇشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ھازىر يەر-مۈلك داۋاسى سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ئەرز قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.