بەلگىلىمىدە ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئالغان شىركەت ۋە كارخانىلارغا باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەر بېكىتىلگەن. بەلگىلىمىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن، بولۇپمۇ بۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلغانلارغا، ئېتىبارنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
بۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىقتىسادىي تەدبىر بەلگىلەشتە، يەرلىك خەلقنى تۇنجى قېتىم ئېسىگە كەلتۈرۈشىدۇر. خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئېتىبار سىياسەتلىرىدە، يەرلىك خەلق پەرقلەندۈرۈلمىگەچكە، مەركەزنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يول ئېچىلىپ كەلگەن.
گەرچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى بەلگىلىمىسىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە چارە بولالىغۇدەك دەرىجىدە تەدبىرلەر بولمىسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم يەرلىك خەلقلەرنى ئېسىگە كەلتۈرۈشى رايون ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، ئەگەر ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ئىجابىي بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ دەپ قارالماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر يالغۇز مۇقىملىق ھەققىدە يىغىن ئاچقاندىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقاندىمۇ، يەرلىك خەلقلەرنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە بېسىشقا تېگىشلىك يەنە كۆپلىگەن قەدەملىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.