خىتاي يەرمەنكە ئۈچۈن شىنجاڭ خەلقئارالىق يەرمەنكە مەركىزى نامىدا چوڭ بىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش نۆۋەتتە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن. خىتايچە ياشىن تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەرمەنكە مەركىزىدە 6 چوڭ مەيدان ۋە 5000 ئەتراپىدا خانە بار بولۇپ، بۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان نەچچە ئونمىڭ زىيارەتچىنى سىغدۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن بۇ 5 بەش كۈنلۈك يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى ئادەتتە بۇنىڭغا ئوخشىغان چوڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەر، شۇ دۆلەتلەردىكى ئىسيانكار گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە دۇنياغا ئاۋازىنى كەڭرى ياڭرىتىۋېلىش ئۈچۈن سورۇن ۋە پۇرسەتمۇ يارىتىپ بەرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۈگۈن مەزكۇر خەلقئارالىق يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. ياشىن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مانېۋىرنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكەنلىك بايان قىلىنغان.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇنمۇ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ۋە مانېۋىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.