«يەرشارى مەكتۇپلىرى» گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى

10 - فېۋرال كانادادىن چىقىدىغان «يەرشارى مەكتۇپلىرى» گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىلغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان قۇرغان دۆلەتلىرى ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە دەۋر سۈرگەن سەلتەنەتلىك تارىخىي چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قالاق دەپ قارايدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار گۈزەل سەنئەت، مېمارچىلىق، مۇزىكا ۋە تېبابەتچىلىكتە تەرەققىي قىلغان. ئۇلار يەنە كارىزغا ئوخشاش سۇغۇرۇش كانلىرى ئارقىلىق مۇرەككەپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى يىللىرى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىنغانلىقى، 11 - يىلىدىكى گومىنداڭ ئىنقىلابىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشنى توختاتمىغانلىقى ۋە ئىككى قېتىم غەربلىك ھالدا جەمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

1949 - يىلىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازالىرىنى بەرگەنلىكى، بۇ خىلدىكى جازالارنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەيىبلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.