مەھەللىدىكى ھېچقانداق بىر توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىغا دەۋەت قىلىنمىغان. ھەتتا، كوچىدا ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ سالام سائىتىگىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان ئوسمان ئابدۇللا، ئاخىرىدا ئۆز بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
ئوسمان ئابدۇللا ئۆتكەن ھەپتە بالا-چاقىسى بىلەن بىرلىكتە غورۇچۆل يېزىلىق پارتكومغا دەرد ئېيتىپ بارغان. ئۇ مەھەللىدىكى بىر ئوچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە سۇيىقەست پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەردىن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بىر نەپەر رادىئو ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئوسمان ئابدۇللانىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئوخشاشلا جامائەت تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كۇچانىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئاھالە ۋە دائىرىلەردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 18-ئىيۇل كۈنى بىر تۈركۈم پىدائىيلار تەرىپىدىن خوتەننىڭ ناۋاغ ساقچىخانا ئۆگزىسىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى يىقىتىلىپ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقى قادالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى مەسچىتلەردە دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى.