تورداشلار«ۋىجدان» تەخەللۇسىدىكى تورداشنىڭ ماقالىسىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەج سەپىرى ھەققىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى يازغان. تورداشلار ئىنكاسلىرىدا ئۆز يۇرتلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ھاجىلارنى كوللېكتىپ ھەجگە ئېلىپ بېرىش سەپىرىدە ھاجىلاردىن يىغىلغان پۇللارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە، دائىرىلەرنىڭ ھاجىلارغا ھېچقاچان ھېساب بەرمەيدىغانلىقى، كوللېكتىپ ھەجنىڭ شەخسى ھەجدىن نەچچە ھەسسە قىممەت توختايدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىپ، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن ھەر يىللىق ھەج سەپىرىگە كەتكەن چىقىمنى ۋە دائىرىلەرنىڭ ھەج سەپىرىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنى ئاۋامغا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.