خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى لى جاۋشىڭ مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتنىڭ 7.12 پىرسەنت كۆپەيتىلىپ، 601 مىليارد 100 مىليون يۈەن ۋە ياكى 7.91 مىليارد دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ 2010-يىلى مۇستەسنا يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەربىيگە ئاجراتقان مۇداپىئە خام چوتى ئىزچىل 2 رەقەملىك كۆپىيىپ، خىتايغا قوشنا ئەللەرنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان قوشنا ئەللەر، خىتاينىڭ جىددىي تاشقى تەھدىتكە دۇچ كەلمىگەن ئەھۋالدا ھەربىي خام چوتنى ئىزچىل 2 رەقەم بىلەن كۆپەيتىپ مېڭىشىدىكى مۇددىئاسىدىن گۇمانلىنىپ كەلدى. لېكىن، لى جاۋشىڭ جۈمە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى ئاقلاپ «ھەربىي خام چوتنى كونترول قىلىشقا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ «بۇنىڭ ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدىغانلىقى » نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ بۇ يىل يەنە 2 رەقەم بىلەن ئۆستۈرۈشكە باشلىغانلىقى «خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى» ۋە شۇنداقلا «ئۇلارنىڭ رۇسىيە ھەم ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى »دىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئانالىزچىلار يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي سېلىنمىسى ئۇنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكى قىسىمدىكى يۈز بېرىدىن تاسادىپى ئىسيانلارنى باستۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى خىتايغا قوشنا ئەللەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەندىشىگە چۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ياپونىيىدۇر. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيجى مېخارا، جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ پۇلنى قانداق قوراللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ پەرىزىچە، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى ئۇ ئاشكارا ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.