پۈتۈن يەر شارىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان يېمەك باھاسى خەتەرلىك باسقۇچقا يەتتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى ئاشكارىلىغان يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر يەر شارىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان يېمەك باھاسى خەتەرلىك باسقۇچقا يەتتى.

ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا يېمەك باھاسى بۇلتۇرقىدىن 29% ئۆرلەپ بولدى (بەزى جايلاردا بۇنىڭدىن يۇقىرى، مەسىلەن، قىرغىزىستاندا 54%, بېنگالدا 45% ئۆرلىدى).
ھازىر خەلق كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن تولىسىنى يېمەككە سەرپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھازىرقى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، ئەمدى بۇنىڭدىن سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىنلا ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان خەلق نامراتلىققا يۈزلىنىشى، شۇنداقلا بۇ يەنە، كۆكتات باھاسىنىڭمۇ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبرت زوللىكنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر دۇنيادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە يېمەك باھاسى مەسىلىسى بولۇپ قالدى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە بۇلتۇر 6‏- ئايدىن كېيىن ئۆرلەشكە باشلىغان قوناق، بۇغداي، سۇ مېيى باھاسى 44 مىليون ئادەمنى ئەڭ نامرات ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. يېمەك باھاسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ئاسىيادا ناھايىتى ئېنىق. ھىندىستاندا ۋە خىتايدا بەزى ئائىلىلەر 'كۆكتات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە گۈرۈچنىڭ 10% ئىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتايدا، يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مەدەن ئېچىش، سانائەتلەلەشتۈرۈش جەريانىدا، تېرىلغۇ يەرلەر كەدمىيۇم، ئارسېنىك قاتارلىق ھەرخىل خىمىيىۋى ئاجرالمىلار بىلەن بۇلغىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈپ چىققان زىرائەت ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىنى زەھەرلەيدىغان دەرىجىگە يەتتى.