خىتاي ھۆكۈمىتى " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىغا 400 مىڭ يۈەندىن تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھەر بىر ئۇيغۇردىن 200 يۈەندىن پۇل توپلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، "زەھەرلىك يىڭنە"ھۇجۇمىغا ئائىت نۇرغۇن ۋەقەلەرنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىققانلىقىنى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىكى تۆلەم پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يىڭنە ئۇرۇپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدىكى پۇقرالاردىن يىڭنە ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بەزى ئاھالىلەر قوشنا ئۆيدىكى خىتايلارنىڭ ئۆز - ئارا بىر بىرىگە يىڭنە ئوكۇلى ئۇرۇپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى يەتكۈزگەن.
دىلشات رىشىت، دېلو مەلۇم قىلغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتنىڭ يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان 50 مىڭ يۈەندىن 100 يۈەنگىچە بولغان تۆلەم پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن "يىڭنە ۋەقەسى" ياساپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ يېقىندا "يىڭنە ۋەقەسى"نى "مىللىي بۆلگۈنچىلەر پەيدا قىلغان"لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.