مۇزېي مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ھەم قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان 150 پارچىدىن ئارتۇق دەپنە بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىي ۋە ئارخىئولوگىيە ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بۇ دەپنە بۇيۇملىرى ئىچىدە، يىپەك ۋە يۇڭدىن توقۇلغان قەدىمكى كىيىم - كېچەكلەر، قەدىمكى پۇللار، ھۆججەتلەر، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، ھەر خىل نىقابلار بار ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىم ۋادىسىدىن بۇ يىللاردا تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر بۇندىن 3800 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تارىم ۋادىسىدىكى كۆنچى دەرياسى بويىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ئىكەن.