سومالىدا يۈك ئاپتوموبىل پارتلاپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

سومالى پايتەختى موگادىشودىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالدىدا 4-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 70 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن سومالىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن سومالى ياشلار پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ سومالىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات ياشلار پارتىيىسىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا موگادىشۇدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن،ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت