رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خوتەندە بايقالغان مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان 9 بالا ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن، پاكىستاندا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ باغلىنىشى بارلىقى ئېنىقلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ۋىرۇس 1999-يىلى تۇنجى قېتىم پاكىستاندىن تارقالغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىشى بىر قەدەر تېز بولغان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ۋىرۇس بولۇپ، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلارغا بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغىنى ئۈچۈن، 90-يىللاردىن كېيىن بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلار بارغانچە ئازايغان.
خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى خادىمى يەنە، يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، پاكىستاندىن خىتايغا كىرىدىغان سودىگەر ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشتىن ئىلگىرى، يۇلۇن ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.