سەھىيە تەشكىلاتى پولىئو ۋىرۇسى، يەنى يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ جەنۋەدىكى باياناتچىسى ئولىۋېر روسېنبائىر پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا مەزكۇر ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 17'گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ 8 نەپىر 2-ياشتىن 4-ياشقىچە بولغان بالىلار بولۇپ، قالغان 9 نەپىرى قورۇمىغا يەتكەنلەر ئىكەن.
باياناتچى ئولىۋېر يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يامراش ئەھۋالىنى شىددەتلىك دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى، ئۇنىڭغىچە تەھدىتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يەرلىك تىلدا يۇلۇن ياللۇغى دەپ ئاتىلىدىغان پولىئو ۋىرۇسىنىڭ خوتەندە تارقالغىنى «بىر تىپلىق پولىئو ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى ھەم پارالېچلىققا سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقى باشقا تىپتىكى پولىئو ۋىرۇسلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەن. ھازىرغىچە، خوتەندە بۇ ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىر نەپەر دەپ ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ۋىرۇس خىتايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1999-يىلى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت ۋىرۇسنىڭ پاكىستاندىن كىرگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ۋىلايەت-شەھەرلەردە 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەن. ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ۋىلايەت-شەھەردە 15 ياشقىچە بولغان بالىلارغا، خوتەندە 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.