ئۈرۈمچىدىكى يۇندىدىن ياغ ئىشلەش ئۇۋىسى ئاشكارىلاندى

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يۇندىدىن ئايرىۋېلىنغان يېمەكلىك يېغىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېكىتىنىڭ 12-يانۋاردىكى مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭى يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى تېرەكقۇم بوغدا كەنتىدىكى بىر يۇندىدىن ياغ سۈزۈۋېلىش ئورنى پاش بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يۇندىدىن ياغ سۈزۈۋېلىش ئورنىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرى ھەر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رېستورانلار ۋە ئەۋرەز قۇدۇقلىرىدىن 8 تۇڭ يۇندا ياغ يىغىدىكەن. يۇندىدىن سۈزۈۋېلىنغان ياغنىڭ ھەر كىلوگرامى 5 يۈەندىن يۇندىدىن ياغ پىششىقلايدىغان يەنە بىر ياغ زاۋۇتىغا سېتىلىدىكەن. تەكشۈرۈشتە بۇ ئورۇندىن 93 تۇڭغا قاچىلانغان 16 توننا يۇندا ياغ بايقالغان.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يەنە، سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونلىرىدىمۇ 86 ئورۇندا ساختا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرى بايقالغان. بۇ ئورۇنلاردا سۈپەتسىز سۈر گۆش، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچلار بىلەن پىششىقلىنىدىغان پۇرچاق يېمەكلىكلىرى بايقالغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى نامرات شەھەر پۇقرالىرىغا ھەمدە چەت يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ساختا يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.