ۋەقە چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار شۇ كۈنى يۈننەننىڭ رېنخى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان دېھقانلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان. يۈننەن ساقچى دائىرىلىرى باياناتىدا نامايىشچىلار قوللىرىدا كەڭ بىسلىق پىچاق ۋە ياغاچ كالتەكلەر بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئەمما دېھقانلارنىڭ بىرىمۇ يارىلانمىدى، دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دېھقانلار شياۋگاڭچىڭ يېزىسىنىڭ دېھقانلىرى، ئۇلار يېزىدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ، دېھقانلارنىڭ يېرىگە تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنى ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىغا نارازى بولۇپ، رېن خى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا داۋا قىلىشقا باشلىغان. ئەمما بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشايدىغان بىرمۇ ئادەمنىڭ چىقماسلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قوغلىماقچى بولۇشى ئاممىنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە نەتىجىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش بولغان.
خىتايدا يېقىندىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرىغا قارشى نامايىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر ماجىراسىغا چېتىشلىق.
