ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا ھۆكۈمىتى پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى 5 - ئايغىچە تاقاشنى قارار قىلغان ھەمدە كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش چارىلىرىنى ئېلىشنى كۈچەيتكەن.
مېكسىكا ھۆكۈمىتى 1300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۇ خىل كېسەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولۇپ، لېكىن يەنە يېڭى ئۇچۇردا 4000 دىن ئارتۇق ئادەمگە بۇ كېسەل يۇققانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
مېكسىكا ھۆكۈمىتى 10 كۈنگىچە بارلىق ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن، ئامېرىكا تەرەپمۇ بۇ خىل مىكروپنىڭ ئامېرىكىغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە قوللىنىشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا بىلەن چېگرىلىنىدىغان كالىفورنىيە قاتارلىق شتاتلىرىدىكى پۇقرالاردا خەۋپسىرەش كۈچەيگەن.
ئامېرىكا سەھىيە تارماقلىرى ھازىرچە ئامېرىكىدا 20 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكىمى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. نيۇيوركتىكى بىر مەكتەپتە 8 بالىغا مۇشۇ خىلدىكى كېسەل يۇققانلىقى قىياس قىلىنغان. ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىش ئېلان قىلغان. رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىن چاقىرىپ، بۇ كېسەلنىڭ يەر شارى مىقياسىدا ئەۋجى ئېلىشنى توسۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى بېكىتكەن .
