ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئالىمجان ھىمىتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن ئالىمجان ھىمىتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەسمىي رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلغان.

ئالىمجان ھىمىت 2008‏-يىلى 1‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە شۇنداقلا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاش » جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. لېكىن، ئالىمجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرزى قىلغان.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى »نىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرى سوت 2010‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قارارنى ئېلان قىلىشنى بىر قانچە ئاي كېچىكتۈرۈپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرغان.

«خىتاي ياردەم جەمئىيىتى» يۇقىرى سوتنىڭ قارارى ئالىمجان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى ئىلگىرى مەزكۇر جەمئىيەت ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئالىمجانغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى تەلەپ قىلغان. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئالىمجاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە جازاغا تارتىلىشى «خالىغانچە جازالاش ۋەقەسى»گە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ خەلقئارا بېسىمغا قارىماي، ئالىمجانغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ساقلاپ قېلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق دىنىي، سىياسىي دېلولاردا خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.