ئۇ يەنە مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا غوۋغا ئورۇن قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، زامبىيىنىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ئاساسەن خىتاي كارخانىچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ كارخانىلار زامبىيىدە ئىش باشلىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا، ئىشچى قوبۇل قىلىشتا يەرلىك ئاھالىلەرنى چەتكە قاققان ۋە ئۇلارغا ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىش ھەققى بەرگەن.
بۇ سەۋەبتىن يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن خىتاي ئىشچى ۋە كارخانىچىلار ئارىسىدا بەزىدە تالاش -تارتىش، بەزىدە توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان ئىدى.
بۇ قېتىم سايلانغان يېڭى پرېزىدېنتنىڭ سايلامدىكى مۇھىم ۋەدىلىرىدىن بىرى، خىتاي كارخانىچىلارنىڭ زامبىيىدىكى يولسۇزلۇقلىرىغا چەكلىمىگە قويۇش ۋە بۇ ئارقىلىق زامبىيىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن زامبىيە خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولغان ئىدى.
زامبىيە پرېزىدېنتى مەزكۇر سۆزلىرىنى خىتاينىڭ زامبىيىدىكى باش ئەلچىسى دۈشەنبە كۈنى ئۇنى تەبرىكلەپ كەلگەن چېغىدا ئېيتقان.