زامبىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان خىتاي دىرېكتورلار ئۈستىدىن سوراق قىلىشنى باشلىدى

15 - ئۆكتەبىر كۈنى زامبىيىنىڭ سىنازوڭۋە دېگەن جايىدىكى خىتاي شىركىتى ئاچقان بىر كۆمۈر كاندىكى زامبىيىلىك كان ئىشچىلىرى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەندە، كاننى باشقۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر خىتاي دىرېكتورنىڭ نامايىش قىلغان ئىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، 11 ئادەمنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر خەلقئارا ئاگېنتلىقلار تەرىپىدىن خەۋەر بەس - بەستە خەۋەر قىلىندى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زامبىيە ساقچىلىرى بۇ ئىككى خىتاي دىرېكتورنى تۇتۇپ، سوراق قىلىشنى باشلىغان. تىنچ نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان مەزكۇر ئىككى خىتاي خوجايىن پات ئارىدا سوتلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، زامبىيىلىك ئىشچىلار خىتاي ئىگىدارچىلىق قىلغان مەزكۇر كاننىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن.

ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ كان بايلىقلىرىنى قازماقتا. ئۆتكەن يىلى خىتاي زامبىيىگە كان بايلىقىنى قېزىشقا مۇناسىۋەتلىك 400 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان.