ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇش خاتىرجەملىكىگە دەخلى قىلدى

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1-ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىدا، زاۋۇت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەنگەن.

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن رايوننىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى ئىشتىراك قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەدبىرلەر زاۋۇتتىكى بىر قىسىم ئىشچىلارنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپى ۋە تۇرمۇش خاتىرجەملىكىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن.

زاۋۇر مەسئۇللىرى ئىشچىلار ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ۋە ئىجرئاتلىرىغا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى بار دەپ قارالغان گۆھەر مەمەت، رەيھانگۈل، ئايگۈزەل ۋە خالمۇرات قاتارلىق ئىشچىلارنى نۇقتىلىق ھالدا نازارەت ئاستىغا ئالغان، خىزمەت ئورنىدا ئۇلارنىڭ يېنىغا مەخسۇس نەسىھەت قىلغۇچى، يول ئۈستىدە مەخسۇس نازارەتچى تەيىنلىگەن.

ئىشچى گۆھەر مەمەت زاۋۇت باغچىسىدىن بىر دەستە گۈل تەييارلاپ، جاڭ چۈنشيەن ۋە نۇر بەكرىگە تەقدىم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملار، ئۇنىڭ مۇراسىم مەيدانىغا بېرىشىغا يول قويمىغان.

گۆھەر مەمەت «سومكامدا بومبا يوق، گۈل بار، گۈل» دەپ چۇقان سالغان. مەلۇم بولۇشىچە، پولات زاۋۇتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەشۋىقاتى زاۋۇت ئىشچىلىرى ئارىسىدا جىددىي بىر ئەنسىزچىلىك كەيپىياتى پەيدا قىلغان.