باراك ئوباما زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تۈنۈگۈن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۈگۈن ئاقساراي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كولۇمبىيالىق دانىيال رېندون ھېررېرا، ئاۋغانىستانلىق ھاجى جۈمەخان، ۋىنىسۇئىلالىق ۋەلىد ماكلېت گارسىكا، پاكىستانلىق ئىمام بخېل قاتارلىق ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئىسمى ئېلان قىلىنغان ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ياكى گۇروھلار، ئامېرىكىدا 1999 ‏ - يىلى ماقۇللانغان قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىلگەن. بۇ قانۇندا، ئامېرىكا چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىلىرى ياكى گۇروھلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق شەخس ياكى ئىقتىسادىي گەۋدىدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا جازا قوللىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.

ئاقساراينىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ قانۇن بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك زەھەر جىنايەتچىسى ياكى گۇروھنىڭ سانى 2000‏ - يىلى 78 ئىدى. ھازىر 82 گە يەتتى. ھازىر بۇ زەھەر جىنايەتچىلىرىنى ئامېرىكا قانۇنى بۇيىچە جازالاش ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدۇ، پەقەت زەھەر جىنايەتچىلىرى ياكى گۇروھنىڭ ئۆزىگىلا قارىتىلىدۇ.