مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم پاش بولغان خىتاي دورا شىركەتلىرى خېبىي، جياڭشى، جېجياڭ، جىلىن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى نەچچە ئونلىغان شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان زەھەرلىك كاۋچوكتىن ئىشلەنگەن كاپسۇللۇق دورىلاردىكى كروم، دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك ماددا تەركىبى خىتايدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن 90ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.
17-ئاپرېل كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا زەھەرلىك كاپسۇللۇق دورا دېلوسىغا چېتىشلىق 22 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە پارىخورلۇق، چىرىكلىك ئەۋج ئالغان خىتاي جەمئىيىتىدە زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، زەھەرلىك يېمەكلىك، زەھەرلىك دورا قاتارلىق بۇ خىل ساختا مەھسۇلاتلارنى توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.