ئۇيغۇر ئېلىدە خەتەرلىك ھەم زەھەرلىك مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش چارىسىنى ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېكىتىنىڭ 9-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «مۇھىت ھەم ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور خەتىرى بار مەھسۇلاتلارنى توشۇشتا نازارەت قىلىش چارىسى» ناملىق ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىن ئۆزى تەۋەلىكىدىكى بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىشنى ھەمدە مەخسۇس تور ئالاقە لىنىيىسى قۇرۇپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى ئەڭ تېز ئۇسۇلدا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بەلگىلىمىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن 11 خىلى ئېغىر خەتىرى بار مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان ئاسان ئوت ئالىدىغان نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا مەھسۇلاتلىرى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى ئېغىر بولغان پارتلاتقۇچ دورا، ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، كىسلاتا، قەغەز قاتارلىقلارنى توشۇشتا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەمما خەۋەردە، مەزكۇر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ، مۇھىت ئاسراش ياكى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى ئاساسى مەقسەت قىلغانلىقى ۋە ياكى مۇقىملىقنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىرقانچە قېتىم ئارقا-ئارقىدىن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ تۈر ھۇجۇملارنىڭ يەنە داۋام قىلىشىدىن ۋە ياكى شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى.