'زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى' ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ يۈز بەردى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئاتالمىش "زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى"نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە ئالتاي شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە 9 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى ئالتاي، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن 9 كىشىنىڭ "زەھەرلىك يىڭنە" ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن بۇ باياناتچى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى "زەھەرلىك يىڭنە" ھۇجۇمىنى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ داۋامى، دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى "بۆلگۈنچى كۈچلەر"نىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر يەنە ئۈرۈمچىدە 500 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "يىڭنە ۋەقەسى" ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە نۇرغۇن گۇمانى نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قەشقەر پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ لى فامىلىلىك بىر ئەمەلدارى "يىڭنە ھۇجۇمى"غا دائىر دىلولارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، لېكىن دېلو مەلۇم قىلغۇچىلاردا "يىڭنە ھۇجۇمى"غا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.