باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شىركەت 50 مىليون پۇلنى مەزكۇر ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغان. بۇ كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى بۇ يىل 9 -ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنيى شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ئالاقىدار ئورۇنلار تەكشۈرۈش داۋامىدا، ۋەقەنىڭ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئەمەسلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كان ئىشچىلىرىنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ھېچقانداق ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۆپ.
1993 -يىلى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەربىي مەشىقتىن كېيىن، ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن، پاكىز تازىلانمىغان مەشىق مەيدانىدا قالدۇق بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئوننەچچىلىگەن ئۆسمۈر بالا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. بۇلارنىڭ ھېچبىرىگە مەيلى ھۆكۈمەت، مەيلى ھەربىي قىسىم ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. بۇ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن تۇرسۇن غوپۇر نۆۋەتتە بېيجىڭدا تۆلەم تەلەپ قىلىپ، 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئەرز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.