دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جاڭ چۈنشيەننىڭ «مۇقىملىقنى قوغداش» شوئارىغا ئىنكاس قايتۇردى

جاڭ چۈنشيەن 22-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ساقلاش» يىغىنىدا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى تەيىنلەپ، ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛ ئەينى چاغدا جاڭ چۈنشيەنمۇ ئۆزىنىڭ رايوندا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايون ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ، يېقىندىن بۇيان رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلىشى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەم مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جاڭ چۈن شيەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى باھانە قىلىپ، رايوندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي كۈتمىگەن دەرىجىدىكى شىددەتلىك قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.