ئۇ ئىلھاملاندۇرغاندا «سىلەن خىرىسقا تولغان شىنجاڭغا ئۇلۇغ ئىرادە بىلەن كەلدىڭلار، دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ 1/6 قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا،مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىڭلار ۋە ئۆچمەس ئابىدە تىكلەڭلار» دەپ خىتاب قىلغان.
خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە توربېتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى،بۇ يىل ئۈچۈن 22نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى پىلانلانغانلىقى ۋە بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن بىرىنىڭ پەيزاۋاتتا رەسمىي باشلانغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇن ۋە مەقسەتلىرى بايان قىلىنمىغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ باشقىلىرىغا ئوخشاشلا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتى ئۈچۈن پىلانلانغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى رايوندىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئىشغالىيەتچى تەبىئىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ كۆرسەتتى.