مەزكۇر ئۇچرىشىش 22-ئىيۇن كۈلنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، رەئىسى نۇر بەكرى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، خىتاينىڭ رۇسىيە، ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، ئەرەبىستان، ئافغانىستان شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى قاتناشقان.
تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېڭ گوپىڭنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا ئالاقىدار دىپلوماتىيە، مۇھاجىرلار خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئائىت تەھلىلى ھەم ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار دىپلوماتىيە، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ھالدا ئورۇنلاشقان دۆلەتلەردىكى باش ئەلچىلەر بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، بۇنداق بىر يىغىننى ئېچىشى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماقتا. دەرۋەقە، يىغىندا جاڭ چۈنشيەن ھەرقايسى ئەلچىلىكلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنى خىتاي چېگراسىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتكەن.
