«قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى»نى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا، «تېررورچى» لارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئېتىپ تاشلايدىغان سىياسەت قوللانغان.
خىتاي مەركىزى كومىتېتى 2009- يىلىدىكى «بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، «قاتتىق قوللۇق سىياسەت» لەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتكەن جاڭ چۈنشەنگە، ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلى،« قوي تېرىسىگە كېرىۋالغان بۆرە»، «قۇيرۇقىنى قىسىۋالغان تۈلكە» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.
