ھازىر بۇ كېسەللىك ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تارقىلىش دولقۇنىغا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىنى، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يېقىندا خوڭكوڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 12 ئوقۇغۇچى بالىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ چوشقا زۇكىمىنى نەدىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلانمىغان ئىدى. خوڭكوڭ بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ، جۈمە كۈنىدىن ئىتىبارەن بارلىق يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئىككى ھەپتە بويىچە تاقاش قارارى ئالدى.
چوشقا زۇكىمى ھازىرغىچە 74 دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ، 27 مىڭ 737 كىشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 141 كىشى ئۆلدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى 10 - ئىيۇن كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ خىتايدا ھازىرغىچە 105 كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.