شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا چوشقا زۇكىمىنىڭ يەنە تارقىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى لياڭ ۋەننيەن: "كېسەلنىڭ بەزى جايلاردا تارقىلىش خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن" دېدى.
خەلق گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 2009 - يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا زۇكىمى بىمارلىرى2858 گە، مەزكۇر ۋىرۇستا ئۆلگۈچىلەر 11 گە يەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇ ئېلىدە مەزكۇر زۇكامنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 22 - دېكابىردىن 28 - دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە دىئاگنوز قويۇپ يېڭىدىن بېكىتىلگەن چوشقا زۇكىمى بىمارى 79 نەپەر. 2009 - يىلى نويابىردا خىتايدا بەزى شەخسلەر ، دائىرىلەرنىڭ چوشقا زۇكىمىدا ئۆلگەنلەر سانىنى كېمەيتىپ دوكلات قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىدا ئۆلگۈچىلەر سانىنى تولۇق مەلۇم قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.