خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مىرجانا سىپوليارىچ (Mirjana Spoljaric) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى (ICRC) نىڭ رەئىسى مىرجانا سىپوليارىچنىڭ خىتايغا قىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى ئىكەن.
مەركىزى جەنۋەدىكى خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىرجانا سىپوليارىچ بېيجىڭدا، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پايتەخت كۇتۇپخانىسىدا «ئىنسانىيەت تەرەپتە 160 يىل» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقانىكەن.
بۇ كۆرگەزمە خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتى (RCSC) ، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى (IFRC) ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغانىكەن. ئۇ، بۇ زىيارىتىدە يەنە 49 نۆۋەتلىك فىلورېنسىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يەتتە خىتاي سېسترانىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى مۇكاپاتلايدىكەن.
پىرېزىدېنت سپوليارىچ يەنە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ئاكادېمىيەسى ساھىبخانىلىق قىلغان ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇجۇدا زىيارەتتە بولغاندىن باشقا، ئۇ خەلقئارا قىزىل كىرېست ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تىنچلىق نىشانىغا قانداق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مىرجانا سىپوليارىچ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ ئەزەلدىن دۇنياغا ئىنسانپەرۋەرلىك تۆھپىسى قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانپەرۋەرلىك ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى مۇجەسسەملەيدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش. جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش› ، ‹ئۆزى خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭماسلىق› قاتارلىق ئىدىيەلەر خەلقئارا قىزىل كىرېست ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان، تۇتاشتۇرۇلغان» دېگەن، ھەمدە «خىتاينى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ پائال ھىمايە قىلغۇچىسى، قاتناشقۇچىسى ۋە تۆھپە قوشقۇچىسى» دەپ كۆرسىتىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن يەنىمۇ زىچ ھەمكارلىشىش تەشەببۇسىدا بولغان.
سىپوليارىچ شى بىلەن سۆھبىتىدە خىتاينىڭ 49-نۆۋەتلىك فلورىنسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ دۇنيادا-21 ئەسىردىكى ئەڭ ۋەھشىي جىنايەت يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ياكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاپ: «خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي باشتىن-ئاخىر خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلدى. ‹بىر بەلباغ، بىر يول› نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، يەر شارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا كۈچ قوشتى. قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى خىتاي تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن جارى قىلدۇرغان پائال رولى ۋە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، خىتاي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ھەمدە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
ئەمما خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تورىدا، مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسى سپولجارىچنىڭ زىيارەتتىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىرى كۆرسىتىلگەن: «مەن جەمئىيىتىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك خاراكتېرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. مەن زىيارىتىمدە دۇنيانىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جەمئىيەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» .
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 1949-يىلدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىگە بوي سۇنىدىغان پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك ھوقۇقى بار بىتەرەپ ۋە مۇستەقىل تەشكىلات. قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قايسى قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى ۋە قىزىل ھىلال ئاي شېرىكلىرى بىلەن بىللە خەلقئارا مىقياسىدا قوراللىق بېسىم ۋە باشقا زوراۋانلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ھەم ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش. تىنچلىقنى ئېگىرى سۈرۈش ئىكەن.
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي، شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما خىتايدا ھەر قانداق تەشكىلات خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتى خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن مۇستەقىل تەشكىلات سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى مەلۇم. ئىنسانىيەت پىرىنسىپى خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يەتتە پىرىنسىپنىڭ بىرى.
ئىنسانپەرۋەرلىكنى پىرىنسىپ قىلغان، شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى-IHL نىڭ تىنچلىق مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مىرجانا سىپوليارىچنىڭ، خىتاي تەرىپىدىن ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قارىتا، ئەندىشە بىلدۈرمەسلىكى ياكى ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق كۆز قاراش بىلەن تەمىنلىمەسلىكى، دەرھال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جىددىي ۋە تەنقىدى ئىنكاسىنى قوزغىغان.
د ئۇ ق خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماسلىققا، ئەخلاقى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
خەلقئارادا داڭلىق ئۇچۇر ئامبىرى يەھۇدىيلار مەۋھۇم كۇتۇپخانىسى (JVL) نىڭ ئاممىغا ئوچۇق ئارخىپلىرىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقتىكى مەغلۇبىيەت يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئاخىرى ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىغان ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ كەمچىلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغانىكەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە ئىشغال قىلغان زېمىنىدا، يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دوختۇر سېسترا خادىملىرى، -1944يىلى چېخىيەدىكى تېرېسېنستاد ناتسىستلار جازا لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە بارغان. ئەمما ئۇلار ۋەھشىيلىككە كۈز يۇمۇپ، ناتسىستلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنغان. شۇڭا ئۇ خەلقئارا تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى «دەھشەتلىك رېئاللىقنى يېپىپ قويۇش» ، «ئىنسانىي ئەخلاقى بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق» تەك جىددىي تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان.
خەلقئارادا كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بەرگەن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى» نىڭ مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان (Ethan Gutman) ئەپەندى، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى رەئىسى مىرجانا سىپوليارىچنىڭ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قالدۇرغان تارىخىي يۇيۇلماس بىر داغ سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان، ئىنسانىي ئەخلاق سەتچىلىكىنى، بۈگۈن قايتا تەكرارلىماسلىققا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي-2015 يىلى ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، بىر قىسىم غەربلىك دوختۇرلارنىڭ خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان ئورگان كۆچۈرۈش دوختۇرخانىلىرىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى-ھەقىقەتەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەلىبىسى بولغان. ئورگان كۆچۈرۈش جەمئىيىتى ئەخلاق كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى، ئىسرائىلىيەلىك يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى دوختۇرى، ئىسرائىلىيەلىك دوكتور جاكوب لاۋېي خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى تەنقىد قىلىپ ‹چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغانلارنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 1944-يىلى تېرېسېنستاد ناتسىستلار جازا لاگېرىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش لاگېرى ئىكەنلىكى ئېيتقانلىقى، قايتا-قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك› دېگەنىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، سپوليارىچ خىتاينىڭ داۋالاش رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن غەربنىڭ ‹ئارىلىشىش› ئورتاق تونۇشىغا ئەمەل قىلغاندەك قىلىدۇ. مەن 4-ئايدىكى خەلقئارالىق يۈرەك ۋە ئۆپكە كۆچۈرۈش جەمئىيىتى (ISHLT) يىللىق يىغىنىدا 3600 تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە ئېيتقىنىمدەك سىز بەلكىم كوۋىدنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قارار چىقارمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بەزىلەر بېيجىڭ ئەزەلدىن كوۋىد توغرۇلۇق يالغان ئېيتمىدى دېيەلەمدۇ؟ بەزىلىرىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ» .
ئېتان گۇتمان يەنە ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«سپوليارىچ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: ‹خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە كۆزىتىلىشىنى پەقەت ئۇرۇش نۇقتىسىدىلا ئويلاشقا بولمايدۇ. تىنچ ۋاقىتلاردا قىلىنغان ئىشلارمۇ ناھايىتى مۇھىم› . ياخشى، بۇ تىنچ مەزگىلدە، بېيجىڭ ھازىر لاگېرلاردىكى مۇساپىرلارغا بولغان مۆلچەرىمگە ئاساسەن، يىلىغا 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئۇيغۇرنىڭ ئورگىنىنى يىغىۋالىدۇ. سپوليارىچنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى جۈملە سۆزى «خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى» بىلەن خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ «بىتەرەپ ۋە تەرەپسىز تەشكىلات» ئىكەنلىكىدۇر. بۇ بويىچە، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدە رول ئويناش ياكى خىتاي ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتى ئەمەس. بەلكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەسلى مەسئۇلىيىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇش.»
مىرجانا سىپوليارىچنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ئاكادېمىيەسىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ۋەكىللىك قىلىش بىر ئالاھىدە ئىمتىياز.
ھالبۇكى بۇ ۋەزىپىنى ئاتقۇرۇۋاتقان بىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، دۇنيادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاقىسىنى ئىگىلەپ ۋە ئېتىراپ قىلىپ، خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىرادىسىنى ئاشكارا بايان قىلىشى قارشى ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا.
سۆھبەت (The Conversation) تور ئىلمىي ژۇرنىلى، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى گېففرېي روبېرتس ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيەسى: دۇنيانى تاللاش ئۇسۇلىدا بىرلەشتۈرۈش» ناملىق ماقالىسىدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ۋە ھازىر ئۇنىڭ بۇ تەنقىدكە جاۋابەن بىردەك ئىدىيەۋى ئىستراتېگىيەنى شەكىللەندۈردى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ، خىتاينىڭ بۇ تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پايدا يەتكۈزۈش سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ئارقىلىق، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا تەرتىپ-كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇملىشىشى توغرىسىدىكى ئاساسى ئىدىيەنى بىكار قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇ 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە يېقىنقى يىللاردا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قاماپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلگەنلىكى بۇ تەنقىدىنى يوقىتىش ئۈچۈن، خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلىرى بىر قاتار ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئېلان قىلدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ‹ياشاش ھوقۇقى› باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئارقىسىدا توپلاشقا ئۇرۇندى.»
ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تاللاش ئۇسۇلى ۋە خىتاينىڭ يېڭى تەشەببۇسى كىشىلىك ھوقۇققا زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئاۋاز قوشۇشنى تاللىدىمۇ؟