تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا «قىزىل تەشۋىقات» پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتلار، بولۇپمۇ بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار «3 نى يېزىلارغا چۈشۈرۈش» نامىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋە كەڭ-كۆلەملىك «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» كە سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق تارىم ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئۆزىدىنلا بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بۇ پائالىيەتكە سەپەرۋەرلىك قىلىنغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» كە سەپەرۋەر قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھەرقايسىي ۋىلايەت-ئوبلاستلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەردە نۇقتىلىق ھالدا «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تەشۋىق قىلىش، «قىزىل گېن تەربىيەسى» بىلەن «قىزىل تارىخ تەربىيەسى» نى ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىنلا بىر قېتىمدا ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» نامىدا «قىزىل تەشۋىقات» پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، «جەمئىيەت تەكشۈرۈشى» نامىدا شى جىنپىڭنىڭ «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تەشۋىق قىلىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە پايلاقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش ئىستراتىگىيەسى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىلدىكى «قىزىل تەشۋىقات» ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» نامىدىكى بۇ قېتىملىق قىزىل تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تۇيۇقسىز زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن دائىرىلىرىگە بەرگەن يوليورۇقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە لاگېر سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلارغىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» دىن ئىبارەت خىتاي كىملىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ھەم مېڭە يۇيۇش ھەرىكىترىنى كۈچەيتمەكتىكەن.

ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېھرىئاي مەمتېلى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنى، بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى «جەمئىيەت تەكشۈرۈشى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە بىڭتۇەننىڭ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىپ، «قىزىل تەشۋىقات» قا ئەۋەتىشى، جىددىي دىققەت قوزغايدىكەن. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئەندىشە پەيدا قىلىدىكەن.

مېھرىئاي مەمتېلى خانىمىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ بىر قاتار ھەركەتلەر، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىستراتىگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي ھىسابلىنىدىكەن.

مېھرىئاي مەمتېلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلە بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم قورغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوقىتىشنى مۇھىم نىشان قىلماقتىكەن.

مېھرىئاي خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋۋال «قوشماق تۇغقاندارچىلىق»، «ئۈچ ئەل رايى» نامىدا تۈرلۈك «خىزمەت گۇرۇپپىلىرى» نى ۋە خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى كۆزەتكەن ھەمدە ئارخىپ تۇرغۇزغان. ئاندىن «خەتەرلىك» دەپ قارىغان، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، كەو كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغان. بۇنىڭغىمۇ قانائەتلەنمەي ئالدىنقى يىللاردىكى چوڭ زور تۇتقۇندىن ئېشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ بوش قويمىغان. بۇ قېتىم بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتىپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان ئىستراتىگىيەلىك سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراقتىكى يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» بىر بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش، تېىخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيۇتقاندا، خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي مەمتېلى خانىم ئاخىرىدا، بۇ قېتىم «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تارىم ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتىكى قۇرالى ھېسابلانغان بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىڭتۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يولدا سەپەرۋەر قىلىنىپ «تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى «ئىشەنچىلىك تەشۋىقاتچى» ۋە «ئاۋانگارت قوشۇن» دەپ قارىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە يېزىلاردا مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى كۆپەيتىش، ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپ ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈرۈپ، ئاتالمىش «ئەل رايىنى سىناش»، «ئەلنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن ناملاردىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان.

2014-2015-يىللادىن باشلاپ يەنە يۈز مىڭلىغان خىتاي كادىرلىرىنى «ئۈچ ئەل رايى» خىزمىتى نامىدا ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلىشقا باشلىغان. چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە بولسا، 100 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىرلىرى يېزىلارغا ئەۋەتىلىپ، «5 تە بىللە بولۇش»، «قوشماق تۇغقان بولۇش» دىگەندەك ناملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەرلەشكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەخسىي ھاياتىدىكى ئۇچۇرلار ئاخىپلاشتۇرۇلۇپ، زور تۇتقۇن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان لاگېر تۇتقۇنىدا، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كادىرلىرى ۋە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە «بەشتە بىللە بولۇش» جەريانىدا، ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەلىرى توغرىلىق مەلۇمات توپلاپ ۋە ئۇنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، يوقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا يوللاپ بەرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.