مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا يېزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملاردىن بىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قونغىلى كەلگەن ئاتالمىش «قوشماق تۇققانلار» نىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئەر ئىكەنلىكى، ئورۇن يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆي ئىگىسى بىلەن بىر كارۋاتتا ياتىدىغانلىقى، ئەر-ئايال دەپ ئايرىمايدىغانلىقى، پەقەت كارۋاتتا ئازراق ئارىلىق قويۇپ قويىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يەنە بىر خادىم بۇ بىر كارۋاتتا يېتىشنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياتىنىڭ ئىجراسى داۋامىدا «ئاھالىلەر بىلەن ئىشتا، تاماقتا ۋە يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش» تەشەببۇسى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قونغىلى كەلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىدىن يېزىغا خىزمەتكە چۈشكەن بىر خادىم ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ قونغىلى كەلگەن ئائىلىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاڭلاتتى.
مەزكۇر يېزىدىكى بىر مەھەللە باشلىقى «قوشماق تۇغقان» لار ھەققىدە يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
ئىلگىرى خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى ئاھالىلەرمۇ خىتاي كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن بىللە يېتىپ قوپىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقان ئىدى.