خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قامىغان لاگېرلىرى ئۇنىڭدىكى قىيىن-قىستاق ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش ھەمدە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلىرى ئاشكارىلىنىپ، دۇنياغا خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولسا، خىتاينىڭ يەنە بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ناملاردا «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم چۆچۈتمەكتە.
بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلىنىپ ئامېرىكاغىچە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ، غايەت زور ساندىكى قۇللۇق ئەمگىكى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چاچلىرىىغا باغلىنىشلىق بولۇشى ئۆتكەن ئەسىردىكى يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن نامايان قىلغان ۋەقە بولدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) تۇنجى قېتىم 2020-يىلى ئىيۇندا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلغان 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 13 توننىغا يېقىن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىغانىدى.

بۇلار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسى تەۋەلىكىدىكى «مېيشىن چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» ۋە «خاۋلىڭ شىركەتلىرى» نىڭ ئىشلەپچىقارغان چاچ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كەسپىي سانائەت باغچىسىنى 2017-يىلى لاگېرلارنى قۇرۇۋاتقان ئوخشاش مەزگىلدە، خوتەن لوپتا 400 مو يەنى ئىگىلەپ قۇرۇشقا باشلىغان ۋە 2019-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى.
ھالبۇكى يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ چاچ بۇيۇملار سانائەت باغچىسى يېقىنقى ئىككى يىلدا يەنىمۇ كۆلەملەشكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق تەشۋىقات تور سۇپىسى بولغان، تەڭرىتاغ تورىنىڭ-11 ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لوپتىكى بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسىغا 3يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خېنەن، خۇبېي، سىچۇەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن كارخالىرىنىڭ سانى 52 گە يەتكەن. ئۇلارنىڭ يەرلىكتىن ئىشلىتىۋاتقان ئىشچىلار سانى 10مىڭ يەتكەن.
سانائەت باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمى كۆلىمى 1700 موغا يېتىپ بارغان.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە يەنە، ھازىر بۇ جايدا جەمئىي 72 چاچ بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردا ئادەم چېچى خام ئەشيا قىلىنغان كەيمە چاچ، ئۇلانما چاچ، كىرپىك قاتارلىق 100خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىلماقتىكەن.
بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسى 2019-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، جەمئىي 24 شىركەت يەرلەشكەنلىكى، بۇلاردا يەرلىكتىن 4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
26-فېۋرال «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، خوتەن لوپ ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ ماكايا چاچ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ئابدۇلخەيىر ئوبۇلقاسىم ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا زاۋۇتقا كىرگەن. ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى دەپ تەشۋىق قىلىنغان.
چاچ تىكىش ئىنتايىن قىيىن قول مەشغۇلات جەريانى بولۇپ، خىتاي ئىچىدىكى چاچ بۇيۇملىرى زاۋۇتلىرىنىڭ چىقارغان ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا، چاچ تىكىش ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى ئوتتۇر ھېساب بىلەن 8 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بېكىتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئاياغلاشتۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يوسۇندا ئىشقا كىرىشىدۇ. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دېگەن پەرەز بىلەن چېگرادا تۇتۇپ قىلىنىدىكەن. ئەگەر شىركەتلەر بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپات بېرەلىسە ئاندىن ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جەمئىي 27 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە خامچوت ئاجراتقانىدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نىڭ خەلقئارا سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋىرجىنىيا ۋاكې خانىم، رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى توسۇپ قېلىش ئەھۋالى ۋە يېڭى تەرەققىياتلار ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇردى. ئۇ جاۋابىدا: «بىز (تۇتۇپ قېلىش ۋە قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى) ئاستىدىكى شىنجاڭدىكى ياكى شىنجاڭغا ئۇلانغان ئورۇنلارغا قارشى توشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتمىگەن.
بىز ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېقىن ۋېرجىنىيە شتاتىدىكى مەخسۇس ئادەم چېچىدىن ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان دۇكان ۋە بازارلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتايدىن كىرىۋاتقان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى ۋە مەنبەلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ھالبۇكى بۇ چاچ دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان چاچلارنىڭ تاۋار ماركىسىدىكى، كېلىش مەنبەسىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتنى كۆرسىتىدىغان بەلگىلەر ھەممىسى ئېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بىز دۇكاندار ۋە مال ساتقۇچىلاردىن بۇ ئادەم راست چاچلىرىنىڭ نەدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇلار بىردەك جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى ياكى «خىتايدىن كىرگەن ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىشتى.
بىز دۇكاندارلاردىن خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېچىدىن چاچ ئىشلەپ ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بار يوقلىغىنى سورىغىنىمىزدا بولسا «بىلمەيمىز» دېيىشتى.
ئىلگىرى بىز لوپتا يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنىڭ سېتىش زەنجىرىنى ئېنىقلاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئاساسەن خىتايدىكى شىركەتلەردە ماركا چاپلىنىپ، گۇاڭجۇ، چىڭداۋ ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا جايلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىې رېچاردسون لوپتىكى چاچ كەسىپلەر باغچىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئەڭ چوڭ چاچ ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرلەردىن شۇنى كۈرۈۋاتىمىزكى، بۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان شىركەتلەر ئۆزىنىڭ گۇمانلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنىمۇ كەڭ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش تاكتىكىلىرىنىمۇ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ.
مەھسۇلاتنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىپ ئۇنى يەنە باشقا جايغا يۆتكەپ قاچىلاش ياكى ماركا چاپلاش، قۇل ئەمگىكى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھە خىل چەكلىمىلەردىن قېچىشتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كەلگەن تاكتىكىلىرى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا بىر قانچە ھەپتە قالغان بىر پەيتتە، بۇ پاكىتلىق خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى، مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ.
بولۇپمۇ مەزكۈر قانۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە قانداق تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە قوللىنىشىغا باغلىق».
سوفېي رېچاردسون يەنە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى ئامېرىكا بازىرىنى توختىماي ئىگىلەۋاتقان خىتاي چاچ بۇيۇملىرىنىڭ مەنبەسىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئۇ چاچ بۇيۇملىرى بولسۇن ياكى باشقا مەھسۇلاتلىرى بولسۇن، بىز خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ھەر قانداق مالدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ قۇللۇق ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش يالغۇز مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىدەك تەدبىرلەرگىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بۇ ھەر قانداق ئىستېمالچىدىن بىر مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋالغاندا ساتقۇچىلاردىن بۇ ماللارنىڭ مەنبەسىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىۋاتىمىز. ئىستېمالچىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بۇ خىل ماللارنى ئېكسپورت قىلىش داۋاملىشىدۇ. ئامېرىكادا ئىجرا قىلىنىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش يېڭى قانۇنىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىشى ۋە بارلىق ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك».
«ئىستىقباللىق سانائەت تەتقىقات» ئورنىنىڭ 2021-يىلى-6ئايدا، خىتاي كەسىپ ھەپتىلىكى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، 2019- ۋە 2020-يىلى كورونا يۇقۇمى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان مەزگىللەردە، تاموژنا كونترول قىلىش بىر قەدەر قاتتىق بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن چاچ ئېكسپورت قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ % 28.5 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ئەمما 2021-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58 ئاشقان. 2021-يىلى خىتاينىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىدىكى ئالدىنقى ئۈچ رايون ئامېرىكا، نىگېرىيە ۋە بىرازىلىيە ئىكەن.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىل، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق 10 غا يېقىن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھەممىسى لاگېردا چاچلىرىنىڭ چۈشۈرۈلگەن ياكى قىسقا كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپ دۇنياغا سېتىۋاتقان چاچلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنغان چاچلىرى ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغانىدى.
بۇ ھەقتە ھازىر فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ چاچلىرىدىن ھازىرمۇ پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزى بىلەن ئىلگىرى لاگېردا ياتقانلارنىڭ ھازىرمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ياكى قۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوندون ئۇيغۇر سوتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئۆزىگە قارشى سۆزلەتكەن، ئىلگىرى لاگېردا بىر كامىرىدا ياتقان ئارزۇگۈل ۋە بۇخەلچەم ئىسىملىك ئىككى قىزنىڭ چېچىنىڭ ئەمدىلا ئۆسۈپ چىققان ھالىتىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ما شىڭرۈي لوپ ناھىيەلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىدا 2022-يىلى 7-يانۋار، مەخسۇس زىيارەتتە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ ما شىڭرۈينىڭ مەخسۇس لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلىشى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئېيتىلىۋاتقاندەك، ما شىڭرۈينىڭ ۋەزىپىگە قويۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت كېلەر ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىۋاتقان لوپتىكى چاچ كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
چاچ بازىرىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرى، چاچ سانائىتىگە، يېڭى تەرەققىيات سۇپىسى تەييالاۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ چاچ يەرمەنكىسى تورىغا قارىغاندا، خىتاي 2022-يىلى 3-سېنتەبىردىن 5-سىنتەبىرگىچە، گۇاڭجۇ شەھىرىدە 13-نۆۋەتلىك تەرەققىيات يەرمەنكىسى چاچ كۆرگەزمىسى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، دۇنياغا چاچقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى خىتاينىڭ چاچ سانائىتى ماركىلىرىنى نامايان قىلماقچى ئىكەن.