18-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىس (Jim Banks) «قۇللۇق ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى جازالاش قانۇنى» (Sanctioning Supporters of Slave Labor Act) دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسىنى قايتىدىن تونۇشتۇرغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئالدىنقى يىلى ئاۋغۇستتا ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) بىلەن بوب مېنېندېز (Bob Menendez) تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان شەخسلەر ھەم ئورگانلارنى جازالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان نۇسخىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىس تەرىپىدىنمۇ تونۇشتۇرۇلغان.
قايتا تونۇشتۇرۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئېلان قېلىنغان ئاخباراتقا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا چېتىشلىقى بولغانلىقى سەۋەبلىك جازالىنىدىغان ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن. يەنى بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىقى بولغان ئورۇنلارنىلا جازالاپ قالماستىن، بەلكى ئاشۇ جازاغا ئۇچرىغان ئورۇنلار بىلەن سودا قىلغان ياكى ئۇلارنى قوللىغان ئورۇنلارغىمۇ قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.
ماركو رۇبىيو مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭلا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ قالماستىن، بەلكى بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇپ پايدا ئالىدىغان شىركەتلەرنىڭمۇ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قېلىنىشى كېرەك».
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇلار سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى قايتا تونۇشتۇرۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب يازغان: «دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (XPCC) ۋە باشقا جازا ئېلان قىلىنغان ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشتىن بىرىنى تاللىشى كېرەك. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە شىنجاڭدا ياشايدىغان باشقا خەلقلەرگە قىلىۋاتقان بىمەنە ھۇجۇملىرىنى توختىتىشتا بېسىم پەيدا قىلىدۇ.»
ئۇلار يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»( UFLPA) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تونۇشتۇرۇلغان باشقا قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «گەرچە UFLPA ۋە UHRPA قاتارلىق قانۇنلار چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلار ئاساسلىقى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلەيدۇ. بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەلىرى ئىككىلەمچى جازا ئارقىلىق بارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىدىن پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم جاكارلىغان دۆلەت. 2021-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى» ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، 2022-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئامېرىكا شىركەتلىرى، خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىدىغان تولۇقلىما پۇلىغا ئۆگىنىپ قالغان. شۇڭا خىتايدا پايدا ئالىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى مەۋجۇت بولىدىغانلا بولسا، ئۇلار ئامېرىكادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي پائالىيەتلەرنى توختاتمايدۇ.»
ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئېلخېتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئالغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا سۇنۇلغان باشقا قانۇن لايىھەلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن: «كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېركلېي ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنى جازالاش قانۇنى› (Uyghur Genocide Accountability and Sanctions Act) نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قانۇن، UFLPA ۋە UHRPA قاتارلىق قانۇنلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا قارىتا يۈگۈزۈلىدىغان جازانى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ھەمدە شىركەتلەردىن شىنجاڭغا تۇتىشىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزالىرى رۇبىيو ۋە كورتىز-ماستو (Cortez-Masto) نىڭمۇ ‹ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى› بار، بۇ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ».
«قۇللۇق ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى جازالاش قانۇنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا، جىم بانكىس مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاقساراي 2020-يىلى مايدا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› غا ئاساسەن بىرمۇ شىركەتنى رەسمىي جازا نىشانىغا ئالمىدى. بايدېن ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئاستا ھەرىكەت قىلغاچقا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن. ئىككى پارتىيەنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ئىككىمىز، بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن پايدا ئالغان ۋە ئۇنى قوللىغان شىركەتلەرنى جازالاشقا مەجبۇرلايدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇننى سۇندۇق».