ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارادىكى زور تېمىلاردىن بىرى بولۇپ قالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا «قايتا تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى» دېگەننى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئاتالمىش «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەن» لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ سېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلار مەلۇم بولدى. 9-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 21-ئەسىردىكى قۇللۇق تۈزۈمى» تېمىسىدىكى تور مۇھاكىمىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بىلەن ھازىرقى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بولۇپ قالغان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خادىمى دوكتور ئادريان زېنز يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇزاقنى كۆزلىگەن بىر يۈرۈش تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈپ قويغان بولۇپ، 2014-يىللىرىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن ۋە مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى دەل مۇشۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىنكاسى ئىكەن. شۇڭا بۇ ھادىسىنى ئۇشتۇمتۇت ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھەمدە چېن چۈەنگو بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يېگانە ھادىسە، دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدا خىتايلار ئالدى بىلەن ساقچىلار دۆلىتى بەرپا قىلىپ چىققان، ئاندىن مۇشۇنداق زور مېخانىزمىنىڭ ھىمايىسىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى «ئۆگىنىش» كە تەشكىللىگەن. ئەمما تولۇق قوراللانغان ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى، كۆزىتىش مۇنارى، تىكەنلىك سىم توسۇقلار ئاللىقاچان بۇ جايلارنىڭ مەكتەپ ئەمەسلىكىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بولغان. بۇنىڭ بىلەن ھەممىلا ساھەنىڭ تەنقىدلىرى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىققان. مانا مۇشۇنداق بىر رېئاللىققا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلاننىڭ يېڭى باسقۇچىنى «سومكىدىن چىقارغان» ھەمدە يېتەرلىك مېڭە يۇيۇشنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى» نى جاكارلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھالنى راست، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما ئادريان زېنزنىڭ بۇ ئەھۋالنى راست بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تېخىچە غايىب ھالەتتە ئىس-بۇسى چىقىرىلماي تۇرۇپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىلىشى ئىكەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن لاگېرلارنىڭ ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنى قاماش رولى ھېچقانچە ئاجىزلىشىپ قالغىنى يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ زور ساندىكى كىشىلەر ئاشۇ خىل سىناقتىن ئۆتكەن مېڭە يۇيۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتىكەن. چۈنكى لاگېرلارنىڭ ئىزچىل كېڭىيىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدىكەن. يەنە كېلىپ بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ لاگېرلارغا چاپلاپ دېگۈدەك سېلىنىشى بۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئاسانچىلىق ياراتماقتا ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا پات-پاتلا كۆزگە چېلىقىدىغان «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ھەققىدىكى چۇقانلارغا جۆر بولغان ھالدا خىتاي خوجايىنلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا مېڭىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ خىل كىشىلەر ئىكەن. بۇ خىل «تەرەققىياتقا يېتەكلەش» نامىدىكى ئاھالە يۆتكەش ئەمەلىيەتتە كونتروللۇق سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسىلىشى ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار زور ساندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان يېنىك سانائەت ساھەسى ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ماھارەت تەلەپ قىلمايدىغان تۆۋەن سەۋىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تىكىش، ئويۇنچۇق ياساش، ئۆي جابدۇقلىرى ئىشلەش دېگەنلەرگە مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئىجرا بولۇۋاتقان مەزگىللەردە بۇنىڭغا ماسلىشىپ بۇ خىلدىكى زاۋۇتلار ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن 2021-يىلىغا بارغاندا «بىر مىليون ئۇيغۇرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك شوئارلار قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا تارىم ۋادىسى ئەڭ ئاساسلىق نىشان بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دولقۇنىدا ئائىلىلەرنىڭ جۇدالىقى تېخىمۇ ئومۇملاشقان. ئاتا-ئانىلىرى زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشكەن بالىلارنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقى تېخىمۇ يىراقلاشقان.
دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئۈچ خىل شەكىلنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا «خەتەرلىك» بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاشۇ كىشىلەر، بولۇپمۇ كېيىنكى قەدەمدە بۇ جايلاردىكى ھەربىي مەشىق تۈسىنى ئالغان «سىياسىي چېنىقىش» تىن ئۆتكەن تۇتقۇنلاردىن «لاياقەتلىك» بولغانلىرى ئۇدۇللا ئاشۇ خىل زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ئاشۇ زاۋۇتلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. قاراقاش ھۆججەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئەھۋال دەل مۇشۇنىڭ ئىنكاسى ئىكەن؛ ئىككىنچىسى، يېزىلاردىكى دېھقان ياشلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆزىدە ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تولىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدىكى «ماھارەت ئىگىلەش» تىن ئۆتكۈزۈپلا زاۋۇتلارغا ماڭدۇرۇش ئىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل ھەرقاچان «دېھقانلارنى قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈش» دېگەن نامدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي ۋە زاماننىڭ كەينىدە قالغان دىنىي ئاسارەتتىن خالاس قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «نىجاتكار» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى «تەربىيەلەش» ۋە ئەمگەك ئارقىلىق ئۇلارنى «ئازادلىق» قا ئېرىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلماقتا ئىكەن؛ ئۈچىنچىسى بولسا نۇقتىلىق ھالدا يېزىلاردىن دېھقان قىزلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا ئېلىپ كېتىش ئىكەن. مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلدا توپلانغان ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان زاۋۇتلاردا دەل غايەت زور ساندىكى يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى ھەمدە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەنمەكتە ئىكەن. بۇ خىل «تەربىيە» ۋە «ئەمگەك» مۇجەسسەملەشكەن مېخانىزم دەل ھازىرقى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» مودېلىنى ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا مۇتلەق كونتروللۇقنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇكەممەل باشقۇرۇش ئەندىزىسى بولۇپ قالغان.
ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەلگەن ھەمدە ئوخشاش شەكىلدە كونتروللۇقتىن خالاس بولالمىغان بۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خەۋەرلەردە ئېيتىلىۋاتقاندەك خىتاي كومپارتىيەسىگە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئۆزلىرىگە مىسلىسىز ئەۋزەل تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» نى داۋام قىلماقتىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «نامراتلىققا قارشى ئۇرۇش» دېگەن نامدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ «ئۇرۇش» تا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاداققى قارشىلىق روھى يانجىپ تاشلانماقتىكەن.
يىغىن ئاخىرىدا ئادريان زېنز تور ئارقىلىق تاپشۇرۇلغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مۇتلەق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتەك زور پىلاننىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىنى، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ بولغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى باشقا نۇقتىلاردىنمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى.
0:00 / 0:00