قەشقەردە قۇلۇپلانغان بىر دەرۋازىنىڭ سىرى ئېچىلدى: ئائىلىدىكى 6 جاندىن تۆتى تۈرمىدە، ئىككىسى چەتئەلدە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.06.17
nursimangul-nuriman-ailisi-lager.jpg تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر نۇرسىمانگۈل ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خىزمەتچىسى نۇرئىمانگۇلنىڭ 13 يىلدىن 19 يىلغىچە كېسىۋېتىلگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى: (ئوڭدىن سولغا) ئىنىسى مەمەتئەلى، ئانىسى تاجىگۇل قادىر، ئاتىسى ئابدۇرەشىت توھتى، ۋە ئاكىسى ئەمەتجان. 2015-يىلى ئاۋغۇست.
Photo: RFA

چەتئەل مۇخبىرلىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا زور بىر تۈركۈم ئائىلىلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتمۇ ئۆتكەن يىلى يۇرتىدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق ئائىلىسىدە ئادەم قالمىغانلىقى، يەنى دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما بۇ قۇلۇپلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن ئىدى. بۇ سىر 15‏-ئىيۇن كۈنى نۇرسىمانگۈلگە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن كەلگەن بىر تېلېفون بىلەن ئېچىلدى: ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان بۇ ئائىلىدە نۆۋەتتە 4 كىشى تۈرمىدە، جازا مۇددىتى: 13 يىل، 16 يىل ۋە 19 يىل.

نۇرسىمانگۈل ھەدىسى نۇرىمانگۈل بىلەن 2013‏- ۋە 2014‏-يىللىرى تۈركىيەگە ئوقۇشقا ماڭغىنىدا بۇ سەپىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى پەرزەنتىنى جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تاپقان-تەرگەنلىرىنى توپلاپ چەتئەلگە يولغا سالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىشىنى، ئائىلىسىدە قالغان 4 كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى تەخمىن قىلمىغان ئىدى.

نۇرسىمانگۈل بۇ شۇم خەۋەرنى قايسى بىر يوشۇرۇن ئاخبارات ياكى قايسى بىر ئۆكتىچى تەشكىلاتتىن ئەمەس، بەلكى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى خادىمىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان. بۇ شۇم خەۋەر ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ كۈتۈشلىرى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا چېكىت قويدى. دېمەككى، ئەمدى ئۇلارنىڭ تەسەللى ۋە قۇرۇق ئۈمىدلەر بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشىغىمۇ ئورۇن يوق.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرسىمانگۈل بۇ شۇم خەۋەرگە تۇيۇقسىز ۋە ئاسانلا ئېرىشكەن ئەمەس. يۇرتتىكى تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن ئۈندىداردا مىڭ تەستە باغلىنىش، مەخپىي تىل ۋە ئىشارەتلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق 2018‏-يىلى2‏-ئايدا ئائىلىسىدە ھېچكىم قالمىغانلىقى، دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى ئۇققان. ئەمما ئۇلارنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان.

نۇرسىمانگۈل ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا ماڭغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەردىن ۋە ناتونۇش مۇخبىرلاردىن ئۈمىد كۈتكەن؛ قەشقەردىكى ئېغىزى تۇۋاقلانغان دوست-ساۋاقداشلىرىدىنمۇ ئۈمىد كۈتكەن، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر كېلىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن. يەنى بۇ ئاچا-سىڭىل ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر سوراشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى دېڭ لى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تەشۋىقاتچىلىق قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرسىمانگۈل ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنلا خىتاي كونسۇلخانىسىغا خەت يازغان ۋە تېلېفون قىلغان، ئەمما كۈتكىنىدەك كونسۇلخانىدىن جاۋاب كەلمىگەن. ئارىدىن ئىككى ئايچە ئۆتكەندە نۇرسىمانگۈل تىۋىتتېردا تۈركچە مۇراجىئەت يوللاپ، غايىب ئاتا-ئانىسى ھەققىدە خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئۇچۇر ئېلىشىغا تۈرك جامائىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

ئاچا-سىڭىلنىڭ 2 ئايدىن بۇيانقى تېلېفون ۋە خەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغان خىتاي كونسۇلخانىسى تىۋىتتېردىكى مۇراجىئەتنى كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ھەمبەھرلىگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ۋە بەلكىم ئىنكاس ۋە تەنقىدلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نۇرسىمانگۈلگە دەرھال جاۋاب قايتۇرغان ۋە ئەھۋالنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشنى ئېيتقان. نۇرسىمانگۈل ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ شۇم خەۋەرگە ئېرىشكەن.

بايان قىلىنىشىچە، نۇرسىمانگۈل خىتاي كونسۇلخانىسى خادىمىنىڭ يۇمشاق توندىكى ساختا ھېسداشلىقىدىن تەسىرلىنىپ كەتمىگەن. كونسۇلخانا خادىمىنىڭ نۇرسىمانگۈلنى يۇرتىغا قايتىپ دېلونىڭ تەپسىلاتىنى قانۇن ئورۇنلىرىدىن ئۇقۇشى توغرىلىق قىلغان تەۋسىيەسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكى ھەققىدىمۇ گەپ تالاشمىغان. ئۆز ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەقدىرى بىلەن بىللە ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بۇ ئاچا-سىڭىل بۇ ئائىلە پاجىئەسىنى ئىنسانلىق ئالىمىگە بىلدۈرۈش ۋە ياردەم سوراشنى پەرزەنتلىك بىر بۇرچ ۋە مىللىي بىر ۋەزىپە دەپ تونۇغان. مانا بۇ تونۇش بۇ ئاچا-سىڭىللارنى 2018 ‏-يىلدىن باشلاپ گۇۋاھلىق بېرىشقا ئۈندىگەن بولسا، نۇرىمانگۈل ئابدۇرېشىتنى يۇرتىدىكى قۇلۇپلانغان دەرۋازىلارنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان بىر ئاخباراتچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ مانا مۇشۇ ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يىل 2‏-ئايدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.