«قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.01.25
qum-basqan-sheher-1920 «قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى
Photo: RFA

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالدى.

مەلۇمكى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «ساراڭ»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «چار خوراز»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «مۇساپىرلار قاۋاقخانىسىدا»، «چوشقىلارغا بايرام»، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھىسام ئاكا»، «نۇزۇگۇم» غا ئوخشاش يۇمۇرىستىك روھقا باي ھېكايە-پوۋېستلىرى، «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار» غا ئوخشاش تارىخ تۇيغۇسى كۈچلۈك رومانلىرى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» قاتارلىق بىئوگىرافىك ئەسەرلىرى، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» غا ئوخشاش ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندى تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان، شۇنداقلا 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئامازون تورىدا سېتىلىشقا باشلىغان.

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانى ۋە يورۇقلۇققا چىقىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «قىرلىق ئىستاكان»، «ساراڭ»، «چار خوراز» قاتارلىق ھېكايىلىرى ۋە شۇ ئەسەرلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن سىن فىلىملىرى بىلەن تونۇشقان. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەرھۇم كۈرەش كۈسەن سوۋغا قىلغان «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روماندىكى جاھانكەزدى سۈپۈرگە قاتارلىق سىمۋوللۇق تۈسى قويۇق بولغان ئوبرازلار، شۇنداقلا يۇمۇرىستىك روھقا ۋە ئۇلانما تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان جەزبدار بايانلار ئۇنى كۈچلۈك جەلپ قىلغان. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان بۇ روماننى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققان. ئۇ بۇ رومانغا بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئويىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدىكى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنى پارچىلارغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. پۈتۈن روماننى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولغۇچە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە-سەككىز يىل ۋاقىت كەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى تۈرمىدىكى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» رومانىدىن كېيىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر نادىر ئەسەر بولۇپ قالغان.

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بۇ نۇسخا «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئىكەن. ئۇ مەزكۇر روماننى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم كىشى ئىسىملىرى ۋە يۇرت ناملىرى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ئاتالغۇلار، يەرلىك تۈسى قويۇق بولغان بايان ۋە تەسۋىرلەر، شۇنىڭدەك ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن گىرەلىشىپ كەتكەن ھېكايە ئېيتىمىنى توغرا ۋە دەل تەرجىمە قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر روماننىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسىدىكى يۇمۇرىستىك روھقا ۋە مول تەسەۋۋۇرلارغا تويۇنغان، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك زوقىنى لەرزىگە سالغان بايان ھەم تەسۋىرلەرنى ئىمكان بار تولۇقى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەش، ئىككىنچى بىر تىل مۇھىتىدا روماننىڭ بەدىئىي قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنگلىز تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ رومان ھەققىدىكى پىكىرلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، تەرجىمە نۇسخادا بايقالغان سەۋەنلىك ۋە كەمچىلىكلەرنى روماننىڭ كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىشتە زور ياردىمى بولىدىكەن.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر، «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ سابىق رەئىسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ئىبارەت بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر بىر روماننىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىنگلىزچە باشقا چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىكەن.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدەك بەدىئىي جەھەتتىن پىشقان، ئۇسلۇب جەھەتتىن ئۆزگىچە بولغان بۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى ئىنگلىز تىلى ياكى باشقا دۇنياۋى چوڭ تىللارغا مۇكەممەل دەرىجىدە تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئەمگەك ئىكەن. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى باشقا ھەرقانداق تۈردىكى ئەسەرلەرگە قارىغاندا زور كۈچ كېتىدىغان تەرجىمە جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش، بەدىئىي قۇۋۋىتىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك، ئەسلى ئەسەر نامايان قىلغان مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئىككىنچى بىر تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا جانلىق ئىپادىلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تەرجىمە ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى بىر ئىجادىيەت جەريانى ھېسابلىنىدىكەن.

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇ 1978-يىلىدىن 2013-يىلغىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، رومان، ئەسلىمە، ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلدىن 1995-يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1995-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تاكى 2006-يىلىغىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ھېكايە-پوۋېستلىرى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان، بەزى ئەسەرلىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.

مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايە، پوۋېست ۋە رومانلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىغىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ «ساۋاقداشلار»، «ئايخان» «ئىت ئېتىش»، «گۆركار» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلىرى قازاق، ئۆزبېك ۋە قىرغىز تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.